«دۆلىتىمىزگە قارشى ھەر قانداق گەپ-سۆز ۋە قىلمىشلارغا قەتئىي قاراپ تۇرمايمىز»

خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان  شى جىنپىڭ خىتايغا قارشى ھەر قانداق گەپ-سۆز ۋە قىلمىشلارغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

762528
«دۆلىتىمىزگە قارشى ھەر قانداق گەپ-سۆز ۋە قىلمىشلارغا قەتئىي قاراپ تۇرمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭنىڭ يېڭى رەھبىرى لىن جېڭ يۆئې خىتاي مەركىزى ھاكىمىيەتكە سادىقلىقىنى بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدا مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان لىن جېڭ يۆئې خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا  بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە خوككوڭ خەلقىگە سادىقلىقىنى بىلدۈرۈپ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

خوڭكوڭنىڭ تۇنجى ئايال رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان لىن جېڭ يۆئې مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭنى خەلق خوشال ياشايدىغان ماكانغا ئايلاندۇرىمەن.»

خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خوڭكوڭ يەرمەنكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان  شى جىنپىڭ بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم پىرىنسىپىنىڭ ياقلىغۇچىسى بولىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

«خىتايغا قارشى گەپ-سۆز ۋە قىلمىشلارغا قەتئىي قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى»ئالاھىدە تەكىتلىگەن شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن خوڭكوڭنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان بېرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خوڭكوڭدا تەخمىنەن 40  يىل دۆلەت ئورگىنىدا ئىشلىگەن لىن جېڭ يۆئې بۇ يىل 26-مارتتا 1194 ئەزاسى بولغان سايلام كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا 777 ئاۋازغا ئېرىشىپ رايوننىڭ رەھبىرى بولدى.


خەتكۈچ: #خوڭكوڭ , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر