«قاتارغا يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنى پىلانلاۋاتىمىز»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۆمەر گوباش قاتارغا يېڭى ئېمبارگو قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

760657
«قاتارغا يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنى پىلانلاۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۆمەر گوباش، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ قاتارغا يەنە  ئېمبارگو قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان گۇردىئان گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گوباش سودا شېرىكلىرىگە قاتار بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن بىرىنى تاللاشقا ئوخشاش بەزى شەرتلەرنى قويىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

گوباش قاتار بىلەن سودا قىلغان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئاجىزلىتىشنىڭمۇ بۇ ئېمبارگولاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، قاتارنىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىدىن چىقىرىپ تاشلىنىشىنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىنبىر ئېمبارگو ئەمەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ يىل 15-ئىيۇندا قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، قاتار بىلەن بولغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلدى.  

ئارقىدىن يەمەن، مالدىۋ ۋە لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ھۆكۈمەتمۇ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتتى.

ئۆتكەن ھەپتە قاتارغا ئېمبارگو قويغان دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قاتارغا بەزى تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ تەلەپلەر ئىچىدە قاتاردىكى مېدىيا ئورگىنى ئەل جەزىرە قانىلىنى تاقىتىۋېتىش، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاجىزلىتىش، قاتاردىكى تۈركىيەگە تەۋە ھەربىي بازىنى تاقاش ۋە بىر قىسىم «تېررورچى»لارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئوخشاش تەلەپلەر بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر