قاتار ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن دىيالو ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاسىم ئەل سانى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى.

756233
قاتار ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن دىيالو ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاسىم ئەل سانى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىمبارگولارنى بىكار قىلماي تۇرۇپ ئۇلار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەل سانى پايتەخت دوھادا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«قاتار ئىمبارگو ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىزنىڭ ئۇلار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قاتار بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان دۆلەتلەرنىڭ بىزگە قاراتقان ئىبمارگولىرىنى بىكار قىلىشى شەرت.»

ھازىرغىچە بۇ ئىشتا ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئەل سانى، ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىستىقبالىغا ئوخشاش مەسىلىنىڭ قاتارنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ مۇزاكىرىلىرىدە تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئەل سانى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ قاتار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھازىرغىچە كونكرېت قەدەم تاشلىمىغانلىقلىرىنىمۇ پۇرىتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر