مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

لوندوندا جامەدىن چىقىۋاتقان جامائەتنى مىنىبۇسقا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى.

756050
مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچىنىڭ 4 پەرزەنتى بار 47 ياشلىق دېرىن ئوزبورن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئوزبورن، مىنىبۇسىنى فىنسسبۆرى پارك جامەسىدىكى تەراۋىھ نامىزىدىن تارقاۋاتقان پىيادە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئۇچقاندەك ھەيدەپ كىرىپ، 1 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 9 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جەريانغا شاھىت بولغۇچىلار، ئاق تەنلىك بىر ئەرنىڭ «مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىمەن» دېگەن ھالدا ئاپتوموبىلىنى پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا ھەيدەپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. تېررورچى ئەتراپتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە لوندوندا يۈز بەرگەن ئىسلام دۈشمەنلىكى ماھىيەتلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ فىنسبۆرى پارك رايونىدىكى بىر جامەنىڭ ئالدىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى سادىر قىلىنىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا، «مۇبارەك رامىزا ئېيىدا بىگۇناھ كىشىلەرگە قارشى سادىر قىلىنىپ، بىرلەشمە خانلىقنىڭ ئەنئەنىۋى كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئەپۇچانلىقنى تايانچ قىلغان جەمئىيەت تەرتىپى ۋە خاتىرجەملىككە زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان بۇ ھۇجۇمغا ئەڭ ئېغىر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ لەنەت ئېيتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر