لوندوندىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 79غا يەتتى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپتىىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 79غا يەتتى.

755472
لوندوندىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 79غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى 24 قەۋەتلىك بىر بىنادا مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپتىىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 79غا يەتتى.

ساقچىلار ئوت ئاپىتىدە يوقاپ كېتىپ تېپلىمىغانلارنىڭمۇ ئۆلگەنلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنىڭ بىخەستەلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر بىلەن ئالاقىدار مەسئۇللارنى ئەيىبلگۈچىلەر ھەپتە ئاخىرى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار باش ۋەزىر تىرېسا مېينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تىرېسا مېي ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارغا 5 مىليون پۇند ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر