ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ۋە قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈنۈشلۈك لىنىيە ئارقىلىق كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانى بىلەن كۆرۈنۈشلۈك لىنىيە ئارقىلىق كۆرۈشتى.
![ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ۋە قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈنۈشلۈك لىنىيە ئارقىلىق كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a980/7413/8db1/5944124ee6c34.jpg?time=1718858554)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ساريى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش مۇزاكىرە قىلىنغان، رەھبەرلەر كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان تىرىشچانلىقلار ھەققىدە بىر – بىرىگە مەلۇمات بەرگەن ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايوندىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشكەن، مەۋجۇت سۈركىلىشنى ئېمبارگولار ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە دىيالوگ ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلىشقان.
تېررورىزمنىڭ ھەرقاندىقىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشكەن رەھبەرلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇقۇمىنى ئېنىق ئايرىش، ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا زىچ ئالاقە ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقان.