ب د ت: قاتار كىرىزىسىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

754611
ب د ت: قاتار كىرىزىسىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسكە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر مەسىلىنىڭ، جىبۇتىنىڭ ئېرىترىيە چېگراسىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش قارارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رايوننىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە، ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا توقۇنۇشلار سەۋەبچى بولۇۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن دۇجاررىچ، «كىرىزىسنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

رايون دۆلەتلىرىنى بىرلىشىشكە ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرغان دۇجاررىچ يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن جىبۇتى ۋە  ئېرىترىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، جىبۇتى بىلەن ئېرىترىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە توغرۇلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىىىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر