دائېش تۇزخۇرماتۇغا ھۇجۇم قىلدى

كەركۈكنىڭ ھاۋىجە ناھىيەسىنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان دائېش، تۇزخۇرماتۇ ناھىيەنىڭ ئۈچ ئايرىم يېزىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

752436
دائېش تۇزخۇرماتۇغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراقنىڭ سالاھۇددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۇزخۇرماتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈچ ئايرىم نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 2 پەشمەرگە ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى، ئالتە ئەسكەرنى يارىلاندۇردى.

كەركۈكنىڭ ھاۋىجە ناھىيەسىنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان دائېش، تۇزخۇرماتۇ ناھىيەنىڭ ئۈچ ئايرىم يېزىسىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلدى.

مۇسۇلدا مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتقان دائېش، ئەزالىرىنى باشقا جايلارغا ئەۋەتىشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر