سەئۇدى ئەرەبىستاندا تېررورلۇق ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەل-قاتىف ۋىلايىتىدە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى.
750734
![سەئۇدى ئەرەبىستاندا تېررورلۇق ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/58b4/8649/9ec9/593e469b27e56.jpg?time=1718868284)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەل-قاتىف ۋىلايىتىدە كېچىدە چارىلاش ئېلىپ بارغان ساقچى ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 1 ساقچى ئەمەلدارى ئۆلدى، ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمى يارىلاندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەنسۇر ئەت-تۇركى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمدا يارىلانغان خادىملارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
شىئە نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان قاتىف ۋىلايىتىدە پات-پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.