ئامېرىكا قاتار كىرزىسى ھەققىدە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قىلىۋاتامدۇ قانداق؟

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ قاتار كىرىزىسى ھەققىدىكى باياناتلىرى بىر - بىرىگە زىت كەلمەكتە.

749933
ئامېرىكا قاتار كىرزىسى ھەققىدە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قىلىۋاتامدۇ قانداق؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قاتار كىرزىسى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتارغا قاراتقان قاتتىق پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بولسا، ھەر قايسى تەرەپلەرنى كىرىزىسنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتمەسلىككە چاقىرىق قىلماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتار كىرىزىسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ترامپ قاتارنىڭ تارىخى بويىچە ھەر دائىم تېررورلۇقنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە قاتارنى بۇ پوزىتسىيەدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلدى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسون بولسا، ئېمبارگولارنىڭ ياختۇرۇلمايدىغان ئىنسانىي مەسلىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنى قاتارغا قاراتقان ئېمبارگولارنى تۆۋەنلىتىشكە چاقىرىق قىلدى.

تىللېرسون قاتارغا قارىتىلىغان ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ پائالىيەتلىرىگە زىيان يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئېمبارگولارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكىمۇ سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى  ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىراق بۇنىڭ بېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر