خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى تەنقىد قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىننى قاتارغا قارىتا خالىغانچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ يۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

750003
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى تەنقىد قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «پارىس قولتۇقىدىكى 3 دۆلەتنىڭ قاتارغا قارىتا خالىغانچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئونلارچە كىشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈردى. مىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئىتتىرىلىدىغانلىقىغا پىسەنت قىلماستىن، يولغا قويۇلغان بۇ تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن، ئائىلىلەر پارچىلىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش ۋە مائارىپ يوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قالىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا مەزكۇر تەدبىرلەرنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا ئالدىنقى ھەپتە قاتاردا زىيارەتتە بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا مەسىلىلەر پىروگراممىسى مۇئاۋىن دىرىكتورى جامېس لىيىنچنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى:

«بۇ رادىكال تەدبىرلەرنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بالىلار ئاتا – ئانىسدىن، ئاياللار ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ يالغۇز قاتاردىلا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ تەدبىر يولغا قويۇلغان بارلىق دۆلەتلەردە بولىدۇ. بۇ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر بەلكىم ئىشى ۋە خىزمەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ئوقۇش ھاياتى ئاخىرلىشىشىمۇ مۇمكىن. بۇ كىرىزىسكە ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش خاراكتېرلىك ئىش ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمەن»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە پىكىر ئەركىنلىكنىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇرچىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قاتارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان كىشىلەرنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى، سەئودى ئەرەبىستاندا بولسا، بۇ ئىشنىڭ ئىنېترنېت جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقى، بەھرەيىندىمۇ قاتارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ 5 يىللىق قاماق جازاسى ياكى ئېغىر ئىقتىسادىي جازاغا تاتىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي تارتىشىشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇ تەدبىرلەر يۈزىسدىن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بېسىم ئاستىغا ئېلىنىشى، كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ خىيىم - خەتەرگە ئىتتىرىلىپ، يالغۇز تاشلىنىپ قىلىشىغا ھېچ قانداق قايىل قىلارلىق سەۋەب يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر