ئىراندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان تەزىيە سۆزلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

748791
ئىراندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تېررورلۇق  ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 17 گە يەتتى ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى 50 دىن ئاشتى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك كامېرالىرىغا ئېلىنغان يېڭى كۆرۈنۈشلىرى تېپىلىدى.

ئىران پۇقراسى ئىكەنلىكى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاتناشقانلىقى ئېنىقلانغان 6 تېررورچىدىن 5 نەپىرىنىڭ مۇسۇل ۋە راققەدە تۇقۇنۇشلارغا  ئىشتىراك قىلغانلىقى ئىسپاتلاندى.

تېررورچىلارنىڭ 2016 – يىلىدا ئىراندا ۋەقە تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىلىك بولمىغاندىن كېيىن ئىراندىن چىقىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋەقەگە چېتىشلىق 6 كىشى نازارەتكە ئېلىندى. ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھۇجۇمغا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن تارقاتقان تەزىيە سۆزلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ترامپ تەزىيە سۆزىدە، «تېررورلۇقنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگۈچى دۆلەتلەر، ئۆزلىرى قوللىغان شەيتاننىڭ قۇربانىغا ئايلىنىش خەۋپى ئاستىدىدۇر» دېگەن ئىدى. 

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ترامپنىڭ سۆزىگە قايتۇرغان جاۋابىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ سىمىمىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر