ئىران ھۇجۇمچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىپ چىقتى

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رىزا سەيفۇللاھى، دائېش ھۇجۇمچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

748548
ئىران ھۇجۇمچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رىزا سەيفۇللاھى، پايتەخت تېھراندىكى ئىران پارلامېنتى ۋە ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنىڭ قەبرىسىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىران پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەيفۇللاھى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىراندىكى پەرقلىق قاتلاملاردىن دائېشقا قېتىلغانلار ئىكەنلىكىنى، ئىراننىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سەيفۇللاھى يەنە، ئىران خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھازىرغىچە 58 ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىران جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى مۇدىرى پىر ھۈسەيىن قۇلىۋەند، ئىران پارلامېنتى ۋە ھۇمەينىنىڭ قەبرىسىگە قىلىنغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇملاردا 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 52 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇلىۋەند، 52 يارىدارنىڭ 15 ىنىڭ دوختۇرخانىلاردىن ئايرىلغانلىقىنى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى 6 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پايتەخت تېھراندا ئىران پارلامېنتى ۋە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ھۇمەينىنىڭ قەبرىسىگە قىلىنغان قوراللىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر