يەھۇدىيلار ئەلجەزىرە قانىلى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ غەربىي قۇددۇسنىڭ مەلھا رايونىدىكى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن بىر گۇرۇپپا يەھۇدىيلار، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

747627
يەھۇدىيلار ئەلجەزىرە قانىلى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بارۇچ مارزېل ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باشلامچىلىقىدىكى مەزكۇر گۇرۇپپا، ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن قانالنىڭ ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

قانال ئىشخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپ يېزىلغان بىر لوزۇنكىنى كۆتۈرۈۋالغان مەزكۇر كىشىلەر، ئىشخانىدا قۇترىتىش ماھىيەتلىك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن بىنادىن چىقىپ كەتتى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، ھازىرغىچە بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر