مۇھەممەد مۇرسى تۈرمىدىن ئۇچۇر يوللىدى

مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ رۇھى كەيپىياتىنىڭ تولىمۇ كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

746971
مۇھەممەد مۇرسى تۈرمىدىن ئۇچۇر يوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا دېموكراتىك يوللار بىلەن تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان، بىراق ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى تۈرمىدىن يوللىغان ئۇچۇرىدا، 4 يىل ئىلگىرىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە شۇنداقلا كېيىنكى يولغا قويغان بەلگىلىمىلەرگە قارىتا پوزىتسىيەنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئائىلىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ۋە رۇھى كەيپىياتىنىڭ تولىمۇ كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئائىلىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا يەنە، «مۇرسىنىڭ 2013 – يىلى 3 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى مىسىردا يولغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەرگە نىسبەتەن مەيدانى ئېنىق ۋە قەتئىي ئۆزگەرمىگەن. مۇرسى تۈرمىدىن يوللىغان سۆزىدە <مەن پەقەت ۋەتىنىم ۋە دىنىم ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرۋاتىمەن> دېگەن. سۆيگۈچىلەرگە سالاملىرىنى يوللىغان. ۋەتەن ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر