شىمالىي كورېيە ب د ت نىڭ ئىمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

745940
شىمالىي كورېيە ب د ت نىڭ ئىمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئىمبارگو ۋە بېسىملارغا قارىماي يادرو خىزمەتلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ خەۋىرىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جۈمە كۈنى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىمبارگولارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىمبارگولارنى كۈچەيتىش قارارىدا قولى بار بولغان دۆلەتلەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو خىزمەتلىرىنى چەكلىسە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن، بىزگە قانچىلىك ئىمبارگو قويۇلۇشتىن قەتئىينەزەر، يادرو خىزمەتلىرىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىمبارگو قارارىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللارنى چەكلەش مەقسىتىدە دىئالوگ ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا «توغرا تاللاشلار»نى قىلىشى تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەكس تەسىر بېرىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكەن جۈمە كۈنى شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىمبارگولارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى بىردەك قوبۇل قىلىپ قارارنامە ماقۇللىدى.

قارارنامەگە ئاساسەن شىمالىي كورېيەلىك 14 ئەمەلدار بىلەن 4 ئورگاننىڭ ساياھەت قىلىشى چەكلىنىدۇ  ۋە مال-دۇنياسى  توڭلىتىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھاليې قارارنامە توغرۇلۇق توختىلىپ ،  شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنىڭ، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ بىخەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسا،  ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېميىس ماتتىس شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان يادرو سىناقلىرى ئېلىپ بېرىشىنىڭ تولىمۇ خەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر