دائېش لوندوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش لوندوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

745593
دائېش لوندوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

رادىكال تەشكىلاتلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان SITE Inteligence نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دائېشنىڭ شەنبە كۈنى شەھەر مەركىزىدىكى لوندون كۆۋرۈكى بىلەن ئەتىراپىدىكى باررو بازىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، دائېش رامىزاندا تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم سادىر قىلىش ئۈچۈن «يېگانە بۆرە»ناملىق تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ھۇجۇم قوزغاشقا چاقىرغان.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېيى تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بولدى بەس! بەزى ئىشلار چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك، ھەممە ئادەم ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈندىلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم، ئورگانلىرىمىزمۇ توختاپ قالماسلىقى كېرەك، لېكىن رادىكال كۈچلەر بىلەن تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلىرىمىزنى قەتئىي توختىتىپ قويمايمىز.»

مېي دىننى ۋاستە قىلىپ غەربنىڭ دېموكراتىك قىممەت-قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن خەلقنى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.

سايلام سەپەۋەرلىك پائالىيىتىنى يېرىم يولدا توختىپ  پايتەختكە قايتىپ كەلگەن باش مىنىستىر مېي، ئومۇمىي سايلاملارنىڭ بۇرۇنقى پىلان بويىچە 8-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئەنگلىيە ساقچىلىرى لوندوننىڭ شەرقىدە نۇرغۇن يەردە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بالا ۋە ئايال بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئەتە ئەنگلىيە مىقىياسىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرگە ئاتاپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر