ب د ت شىمالىي كورېيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا بارلىق ئەزالار بىردەك قوللاپ ئاۋاز بەردى.

745110
ب د ت شىمالىي كورېيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى. 

شۇنچە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماستىن، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنىڭ قوشۇمچە ئېمبارگوغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قارار دائىرىسىدە، قارا تىزىملىككە يېڭىدىن 4 ئورگان ۋە 14 شەخس قوشۇلدى.

ئېمبارگو ئۇلارغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشنى ۋە مال – مۈلكىنى توڭلىتىپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۇنجى قېتىم 2006 – يىلىدا شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادو پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئىلگىرى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قورال ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەپ 10 ئورگان ۋە 4 شەخسكە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.

دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە ئەگەر سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغان بولسا، جازالاش ئۈچۈن باشقا پۈتۈن تاللاشلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.   

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر