ئىسپانىيەدە مۇساپىرلار ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى

ئىسپانىيە دېڭىزىدا مۇساپىرلار ئوت بىلەن سۇ ئارىسىدا قالدى.

742169
ئىسپانىيەدە مۇساپىرلار ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە مۇساپىرلار ئىككى پالاكەتنىڭ ئارىسىدا قالدى.

ئىسپانىيە دېڭىزىدا مېڭىۋاتقان بىر مۇساپىرلار كېمىسىگە ئوت كەتتى.

ئوت بىلەن دېڭىز ئارىسىدا قالغان مۇساپىرلار ئاخىرى ئۆزلىرىنى دېڭىزغا تاشلاشقا مەجبۇر بولدى.

قۇتقۇزۇش كىيىمى كېيىۋالغان 34 مۇساپىر ئىسپانىيە ساھىل خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

دېڭىزدىكى بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقە ياردەمگە كەلگەن پورتۇگالىيەلىك ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى تەرىپىدىن ۋىدىئوغا ئېلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان 1300دىن ئارتۇق مۇساپىر ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر