«ئەنگلىيە ياۋروپادىن ئەمەس ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقتى»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقدىنلا ئايرىلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

742217
«ئەنگلىيە ياۋروپادىن ئەمەس ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئەمەس ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

تىرېسا مېيدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ۋە گ-7 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە چىقماسلىقىغا قارىتا «ياۋروپالىقلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش كېرەك»دېگەن سۆزى توغرۇلۇق بىر سوئال سورالدى.

مېي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى توغرۇلۇق باش قاتتۇرۇشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ ھەر دائىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ  مۇھىم ئىتتىپاقدېشى بولۇپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بىز ياۋروپادىن ئەمەس ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنلا ئايرىلىۋاتىمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا 27 دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز، شۇنداقلا ھەم كەڭ دائىرىلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى  ھەمدە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى خالايمىز.»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى 8-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بالدۇر سايلامغا ئاز قالغاندا، مانچېستىر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ راسخوت ئاجرىتىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قالغانلىقى سەۋەبىدىن، نوپۇزى ئاجىزلاپ بارماقتا.

مېي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ 19-ئىيۇندا باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، سايلاملاردا يالغۇز بىر پارتىيە ئۆز ئالدىغا كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدا يۈز بېرىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار ئۈستىدە توختىلىپ، خەلقنى پارتىيەسىنى قوللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ 11 كۈندىن كېيىن مۇزاكىرە باشلايدۇ، كېچىكتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر