«شىمالىي كورېيە خىتايغا ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلدى»

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئارقىلىق خىتايغا ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

741858
«شىمالىي كورېيە خىتايغا ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان شىمالىي كورېيەنى «خىتايغا ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلىش»بىلەن ئەيىبلىدى.

دونالد ترامپ Twitter ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ قوشنىسى خىتايغا ئېغىر ھۆرمەتسىز قىلدى، خىتاي دۆلىتى بولسا قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ.»

دونالد ترامپ ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ شىمالىي كورېيەنى «تىزگىنلەش»ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى شىمالىي كورېيەنىڭ سىچۇد (Scud) تىپلىق قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ۋونسان رايونىنىڭ شەرقىدىن يەرلىك سائەت 5:39دا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بىراق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 450 كىلومېتىر مۇساپە باسقاندىن كېيىن ياپون دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ دونالد ترامپقا بۇ ھادىسە توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورېيە يېڭى يىلدىن ھازىرغىچە جەمئىي 9 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

شىمالىي كورېيە تېخى 21-مايدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك پۇكگۇكسوڭ (Pukguksong) -2 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قوراللىرى ياسىيالايدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىسىكى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلىۋەتكەنىدى.

پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى بارلىق چەكلىمىلەر ۋە ئېمبارگولارنىڭ ئەكسىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شىمالىي كورېيەدە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان نۇرغۇن قىسقا مۇساپىلىك سىچۇد (Scud)تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر