رۇسىيە دەھشەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

742323
رۇسىيە دەھشەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹تاس› ئاگېنتلىقى» نىڭ  رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، كەچ تەرەپلەردە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن، 16 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 150 كىشى يارىلانغان، يۈزلەرچە ئاپتوموبىل كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۇچۇپ كەتكەن، كۆپ ساندا ئاپتوموبىل ۋەيران بولغان، دەل – دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكتىن، بەزى يوللار ۋە مېترو لىنىيەلىرى كاردىن چىققان.

موسكۋادا 1998 – يىلى يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدىمۇ 11 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر