ۋېنېزۇئېلادىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە ئۆرلەپ بارماقتا

ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە ئۆرلەپ بارماقتا.

741026
ۋېنېزۇئېلادىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە ئۆرلەپ بارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 60قا يەتتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار پايتەخت كاراكاسنىڭ ئانزوتېگۇي ئۆلكىسىدە جۈمە كۈنى ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان 20 ياشلىق كېسار پېرېرانىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پېرېرانىڭ ئۆلۈمى بىلەن شۇنداق قىلىپ بۇ يىل مارتتا مەيدانغا كېلىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇروغا قارشى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 60 قا يەتكەن.

ۋېنېزۇئېلادا ئاچارچىلىق، پۇل پاخاللىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە جىنايىي قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى قاتارلىق ھادىسىلەر سەۋەب بولغان ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك، نىكولاس مادۇرو رەھبەرلىدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تىزگىنلىنىۋېلىنغان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ، بۇ يىل مارتتا پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى قارار قىلىشى بىلەن كوچا نامايىشلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

ئۆكتىچىلەر نامايىشلاردا كۆرۈلگەن ئۆلۈم ھادىسىلىرىدىن مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەن خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مادۇرو نامايىشلارغا قاتناشقان رادىكال ئىرقچىلارنىڭ جىنايەت گۇرۇھلىرى بىلەن تىك بىرىكتۈرۈۋېلىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر