ئامېرىكا مۇسۇلدا يەنە 101 بىگۇناھ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئامېرىكا دائىرىلىرى سۈرىيەنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئامېرىكىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رايوننى بومباردىمان قىلىپ 101 بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

739941
ئامېرىكا مۇسۇلدا يەنە 101 بىگۇناھ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پېنتاگون تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى تەشكىللەنگەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ 17-مارتتا مۇسۇلدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، 101 بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

پېنتاگون مەسئۇللىرىدىن گېنېرال ماتېۋ ئىسلەر خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ مۇسۇلنى بومباردىمان قىلىشى  نەتىجىسىدە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى توغرولۇق مەلۇمات بەردى.

گېنېرال ماتېۋ ئىسلەر ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ يىل 17-ئاپرېلدا مۇسۇلدا 2 نەپەر دائېش ئەزاسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بومباردىمان قىلغانلىقى، بىراق تېررورچىلارنىڭ بىناغا ئالدىن پارتلاتقۇچ ماددىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقلىرى ئۈچۈن پارتلاتقۇچلارنىڭ بومباردىمان تەسىرىدە پارتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە 227 كىلوگرام بومبا ئىشلىتىلگەنلىكىنى، بىراق بىنادىكى پارتلاشقا ئەڭ ئاز 500 كىلوگرامدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ ماددا ئىشلىتىلمىسە يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئامېرىكىلىق گېنرال، بومباردىمان ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەربىي ئۇچقۇچىلارنىڭ بىنادا ئادەم بارلىقىدىن ۋە دائېشنىڭ ئالدىن بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ بومباردىمان ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى رايوندا چارلاش ئېلىپ بارمىغانلىقلىرىنى، شۇڭا رايوننى ياخشى كۆزىتەلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن  مەھەللىدىكى ئەھۋاللارنى پەرق قىلالمىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكىلىق گېنېرال ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بىنادىكى 36 كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

بۇرۇنقى بومباردىمانلاردىمۇ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان پېنتاگون مەسئۇللىرى، بۇ باياناتى بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولدى.

ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بۇلتۇر 2015-يىلى 20-نويابىردىن 2016-يىلدىن 10-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىراق بىلەن سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 64 بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 8 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر