بىرازىلىيەدە ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

بىرازىلىيەنىڭ پارا ئۆلكىسىدە دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

739599
بىرازىلىيەدە ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ پارا ئۆلكىسىدە دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 1ى ئايال بولۇپ جەمئىي 10 ئادەم ئۆلدى.

پارا ئۆلكىسىگە قاراشلىق بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا بىر مۇھاپىزەتچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى دېھقانلار ئوتتۇرىسدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى.

ساقچىلار قارشى تەرەپنىڭ دەسلەپ ئوق چىقارغانلىقىنى، ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭمۇ ئوق چىقارغانلىقلىرىنى،  نەتىجىدە 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز تۆتىنىڭ مۇھاپىزەتچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە قولى بارلىقىدىن گۇمانلانغان ساقچىلار، توقۇنۇشتىن كېيىن توققۇز تال قورال قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

پارا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى خادىمى جېنوت جانسېن بىتەرەپ تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كاتولىك چىركاۋىغا قاراشلىق سەھرا يەر-زېمىن كومىتېتى بۇ توقۇنۇشنىڭ ساقچىلارنىڭ دېھقانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېسىپ كىرىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سەھرا يەر-زېمىن كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايون 10يىلدىن بۇيان ئىزچىل زېمىن سەۋەبلىك توقۇنۇش ۋە ھۇجۇملارغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر كومىتېت يەنە يېقىنقى يىللاردا دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنلىرىنىڭ مەخسۇس ئادەم ياللاپ دېھقانلارغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق يەرلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

كاتولىك چىركاۋىغا قاراشلىق بۇ كومىتېت بۇلتۇر مارتتا ئېلان قىلىنغان «2016-يىلدىكى تېرىلغۇ-ئېتىزلار توقۇنۇشلىرى»ناملىق دوكلاتتا، بىرازىلىيەدە بۇلتۇر زېمىن، ئەمگەك كۈچى ۋە سۇ سەۋبىدىن 1536 توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى، 2015-يىلىغا كەلگەندە %26 ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رايوندا 2015-يىلى 50 جىنايىي قىلمىش سادىر بولغان بولسا، 2016-يىلى 61 جىنايىى قىلمىش سادىر بولغان. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر