ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال - ياراغ ياردەم بېرىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا كۈرەش قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ گە قورال - ياراغ ياردەم بېرىشى ۋاشىنگتوندا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

738404
ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال - ياراغ ياردەم بېرىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ گە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەكتە.

بۇ مەسىلە، ئامېرىكا پالاتاسى قوراللىق ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «دۇنيا مىقياسىدىكى تەھدىتلەر» ناملىق يىغىندا كۈنتەرتىپكە كەلدى.

يىغىندا، جەنۇبىي كارولاينا پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى لىندزى گرەيھەم، دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى دان كاۋتس، دۆلەت مۇداپىئەسى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى لېيتېنانت گېنېرال ۋىنسېنت ستيۇئېت ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ گە بېرىلىۋاتقان قورال - ياراغ ياردىمىنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپقا سەۋەب بولۇپ بولمىغانلىقى توغرۇلۇق سوئال تاشلىدى.

ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا، «بىزنىڭ سىياسەتلىرىمىز سۈركىلىشكە سەۋەب بولماقتا» دەپ جاۋاب بەردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىككى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باياناتلىرى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان سۈركىلىشكە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر