ئەنگلىيەدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مانچېستېر كونسېرت زالىدا تۈنۈگۈن كېچە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 22 ئادەم قازا قىلدى، 50 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

737381
ئەنگلىيەدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مەي ساقچى تەرەپنىڭ پارتلاشنى «قورقۇنۇچلۇق تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ۋەقەنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان زوراۋاننىڭ يالغۇزمۇ ياكى گۇرۇپپا ھالىتىدە ھەرىكەت قىلغانمۇ؟ بۇنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى، شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ زوراۋاننىڭ كىملىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

باش ۋەزىر 8 – ئىيۇلدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان  سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرىنى توڭلىتىپ قويدى.

ساقچى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان بىر كىشى بولۇپ، ئۈستىگە تېڭىۋالغان  بومبىنى پارتلاتقان جايدا ئۆلگەن، پارتلاش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 22.35 تە (ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 00.35 تە) ئامېرىكىلىق ناخشىچى Ariana Grande نىڭ كونسېرتى ئاخىرلاشقان چاغدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مىڭلارچە كىشىلىك زالدا قازا قىلغانلار ئارىسىدا بالىلارمۇ بار ئىكەن، قاتتىق پارتلاشتىن كېيىن پاتپاراقچىلىق يۈز بەرگەن، نەق مەيدانغا جىددىي ياردەم ۋە ساقچى ئەترەتلىرى يوللانغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پارتلاشنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، مانچېستېر زالى ئەتراپىدىكى گۇمانلىق بىر قۇرۇلما بومبا پاچاقلاپ تاشلاش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن كونتروللۇق ھالدا پارتلىتىلغان، ۋەقەدىن كېيىن پايتەخت لوندوندا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەسىس قىلىنغان، ئىچكى ئىشلار ۋىزارىتىمۇ مانچېستېر ساقچى دائىرىلىرى بىلەن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزگەن.

رۇسىيەنىڭ تاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىراق تاراتقۇلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئاممىۋى تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ۋىدېئوسىدا مانچېستېردىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان «‹ئەكبەر› گېزىتى»، دائېشنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى بۇ ھەقتە تارقاتقان بىر ۋىدېئو ئارقىلىق ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى يازغانىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوندون باش ئەلچىخانىسى ئەنگلىيەدىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش، 2015 – يىلقى پايتەخت لوندوندا مېترودا يۈز بەرگەن ۋە 56 كىشى قازا قىلغان ھۇجۇمدىن كېيىنكى دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر