ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا دۇنيادىن لەنەتلەر ياغدى

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەنگلىيەنىڭ مانچىستېر شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى باش مىنىستىر ياكى پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە ئەيىبلەپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلىدى.

737740
ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا دۇنيادىن لەنەتلەر ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا، ئاۋستىرالىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە ئىران ئەنگلىيەنىڭ مانچىستېر شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرودو يازما باياناتىدا: «مانچىستېردا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىلانغانلارىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىگۇناھ ياشلار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمدا ئىنتايىن قايغۇردۇم. بارلىق كانادالىقلار نامىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە دوستلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن» دېدى.

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى مالكوم تۇرنبۇل تېررورلۇق ھۇجۇمىغا، پەسكەشلەرچە قىلىنغان «قورقۇنچلىق ھۇجۇم» دەپ باھا بەردى. ئۇ پارلامېنتتا قىلغان سۆز قىلغاندا، ئامېرىكىلىق مۇزىكانت ئارىيانا گرەندېنىڭ كونسېرتىنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ ئاۋستىرالىيەنىڭ ھەر دائىم ئەنگلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ھۇجۇم بىگۇناھلارغا قارشى قىلىندى. بالىلارنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ئۆتە ۋەھشىي جىنايەت يوق» دېدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى پاۋلو گېنتىلونى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىتالىيە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قوللايدۇ. بىز مانچىستېردىكى ھۇجۇمنىڭ قۇربانلىرى ۋە ئائىلىلىرىنىڭ ھەسىرىتى بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ تۋىتتېر ئارقىلىق ئەنگلىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن كرېمىل سارىيىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان تەزىيەسىدە: «ئەخلاققا ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ بۇ ھۇجۇمنى قەتئىي شەكىلدە قاتتىق ئەيىبلەيمىز، جىنايەتچىلەرنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن باياناتىدا، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنڭ ئائىلىلىرى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا، «چوڭقۇر قايغۇرۇش ۋە قورقۇنچ» ئىچىدە ھۇجۇمدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە فىرانسىيەنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھەمدە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ماكرون ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي بىلەن بۈگۈننىڭ ئىچىدە تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەھرام قاسىمى يازما باياناتىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا: «تېررورلۇقنىڭ ۋە زوراۋانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بارلىق دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئىرادىسىنى سەمىمىي ھالدا نامايان قىلىشى كېرەك» دېيىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر