ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگو قانۇن تەكلىپى تەستىقتىن ئۆتتى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى باشلىقى ئېد رويس، بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

735473
ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگو قانۇن تەكلىپى تەستىقتىن ئۆتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشى ۋە شىركەتلەرگە قارىتىلغان ئېمبارگو قانۇن تەكلىپى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ دېموكراتچى پارتىيەلىك ئەزاسى شۇنداقلا نىيويورك ۋەكىلى ئېلوت ئانجېل تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەكلىپ پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىندى. 

ئېلوت بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان قانۇن تەكلىپى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەگەر قولىغا سۈرىيە خەلقىنىڭ قېنى يۇققان ئەسەد بىلەن تىجارەت قىلىدىغان بولسىڭىز، بۇ قانۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېمبارگولار سىزگە يۈرگۈزىلىدۇ» دېدى. 

تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى باشلىقى ئېد رويس بولسا، بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ قانۇن ئىقتىسادىي بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، تەرەپلەرنى سودىلىشىشقا ئۈندەيدۇ. سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر يول تېپىپ چىقىش مەقسەت قىلىنىدۇ» دېدى.

قانۇن تەكلىپى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىنمۇ تەستىقلانغان تەقدىردە، 2021 – يىلىغا قەدەر ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن تىجارەت قىلغان شەخس ۋە شىركەتلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزىلىدۇ. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر