ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى مېۋە بېرىشكە باشلىدى

ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قارادېڭىزنىڭ ئاستىدىن تۈرك ئېقىمى قۇرۇلۇشى باشلاندى.

729697
ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشى مېۋە بېرىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيەدە چىقىدىغان «‹بىلىك› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي  گاز شىركىتى (Gasprom) قارادېڭىزنىڭ ئاستىدىن «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي  گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۇرۇبا لىنىيەسى 2019 – يىلغىچە تۈرك ۋە ياۋروپالىق خېرىدارلىرىنىڭ تەبىئىي  گاز ئىمپورتى ئۈچۈن بىخەتەر پورتقا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2014 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى ئارقىلىق قارادېڭىزدىن تۈركىيە ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا تەبىئىي  گاز يۆتكەش پىلانلانماقا ئىكەن.

2014 – يىلى نويابىردا تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇس ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر لايىھە توڭلىتىپ قويۇلغانىدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن مۇزاكىرىلەر بۇلتۇر يىل بويى داۋاملاشقان. بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق پىلانلىرىنىڭ ئاستا – ئاستا ئىزىغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر