كۆچمەنلەر ئاقدېڭىزدا قوش پاجىئەگە يولۇقتى

بىرىنچى پاجىئەدە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 82 كىشى دېڭىزدا يوقۇلۇپ كەتتى.

728650
كۆچمەنلەر ئاقدېڭىزدا قوش پاجىئەگە يولۇقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى تۇرمۇش ئۈمىدى بىلەن لىۋىيەدىن يولغا چىققان كۆچمەنلەرنىڭ 2 كاتىرى ئاقدېڭىزغا غەرپ بولدى.

ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 11 كۆچمەننىڭ جەسىتى قىرغاققا چىقىپ قالدى. 

تۈنجى كاتىر ئەتىگەن سەھەردە چۆكۈپ كەتتى. لىۋىيەدىن 132 نەپەر پاناھلانغۇچىنى ئېلىپ يولغا چىققان كاتىر ئىتالىيە قىرغىغا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا دېڭىزغا غەرپ بولدى. ئۇلاردىن 50 كىشى قوتقۇزۇلۇپ پوززاللو چېگراسىغا چىقىرىپ قويۇلدى. كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 82 كىشى دېڭىزدا يوقۇلۇپ كەتتى.

ئىككىنچى پاجىئەنىڭ خەۋىرى لىۋىيەنىڭ زاۋىيە قىرغىقىدىن كەلدى. 10 ئايال بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 11 كىشىنىڭ جەسىتى قىرغاققا چىقىىپ قالدى. قالغان 100 كىشىنىڭ ئىز - دېرىكى يوق.

پاناھلانغۇچىلار جانلىرىنى دوغا تېكىپ ئاتلانغان ئۈمىد سەپىرىدە كۆپىنچە توشۈك كېمىلەرنى ياكى يەل كېمىلەرنى ئىشلىتىلىدۇ.  يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدىلا رايوندا 6 مىڭدىن ئارتۇق پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇلۇپ ئاتالىيەگە ئېلىپ بېرىلدى.

ئاق دېڭىزدا يېقىنقى 5 ئايدىن بۇيان 1150 دىن ئارتۇق پاناھلانغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر