سەئۇدى ئەرەبىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىگە زەربە بېرىلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرۇلمىسى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 16 كىشى قولغا ئېلىندى.

726894
سەئۇدى ئەرەبىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تۇتۇش ھەرىكىتىدە 16 كىشى قولغا چۈشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ۋە ئۆمرە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋە بۇنىڭدىن قولغا كەلگەن كېرىملەرنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يوللىغان شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرۇلمىسى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 16 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى.

تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 16 كىشىنىڭ مەلۇماتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىگە يوللاپ بېرىلگەندىن كېيىن دەرھال قولغا ئېلىندى ۋە رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش شۆبە مۇدىرلىقىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت نەتىجىسىدە، 16 گۇماندار ئايروپىلان بىلەن تۈركىيە ئېلىپ كېلىندى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى يۈزىسىدىن تۈركىيەدىمۇ تۇتۇش بويرىقى چىقىرىلغان گۇماندارلار، ئەنقەرە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى شۆبە مۇدىرلىقى ئەترەتى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىندى ۋە گۇماندارلارنىڭ بايانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر