شىمالىي كورېيەگە نىسبەتەن بىردىنبىر تاللاش يولى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە بىلەن شەرتلىك دېيالوگقا ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

721823
شىمالىي كورېيەگە نىسبەتەن بىردىنبىر تاللاش يولى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە، ئەگەر شىمالىي كورېيە يادرو پىروگراممىلىرىدىن ۋاز كېچىشنى خالىغان تەقدىردە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بىلەن قورالسىزلىنىش مەسلىسىدە دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«Yonhap» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چو جۇن ھىيۇكنىڭ «جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكىنىڭ دىيالوگ ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى مۇقىمدۇر. شىمالىي كورېيە سەمىمىي بىر شەكىلدە يادرو قوراللاردىن پاكلىنىش يولىغا ماڭىدىغان بولسا، دېيالوگ ئىشىكى ئوچۇقتۇر» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

چو جۇن ھىيۇك «شۇڭلاشقا شىمالىي كورېيەگە نىسبەتەن بىردىنبىر تاللاش يولى، يادرو قوراللاردىن پاكلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى بالدۇرراق چۈشىنىشى لازىم» دەپ چاقىرىقتا بولدى.

 چو جۇن ھىيۇك ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتېس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋە دۆلەتلىك ئىستىخبارت ئىدارىسى باشلىقى دان كۇئاتس تەرىپىدىن شىمالىي كورېيەنىڭ ياردو پىروگراممىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئورتاق بايانات ئۈستىدە توختىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسلىسىنى ئىنتايىن رېئال  تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق» دېدى.

ئاقسارايدا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي كورېيە مەسلىسى مۇزاكىرە يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئورتاق باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قورال پىروگراممىسى بىلەن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقىلىرى مەسلىسىدە، ئۆتمۈشتە تاشلىغان بارلىق قەدەملىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا نىسبەتەن  شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتكە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇرىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنىڭ بارغانچە ئامېرىكىغا قارشى چوڭىيىۋاتقان تەھدىتكە ئايلانغانلىقى، كورېيە يېرىم ئارىلىنى تىنچ يول بىلەن يادرو قوراللاردىن پاكلاش تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەھۋالدا ھەم ئۆزىنى، ھەم ئىتتىاپقداشلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكى ھەمدە يەنە، يادرو قوراللاردىن پاكلىنىش يولىدا مۇزاكىرىلەرگىمۇ ئوچۇق تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر