بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدە دوختۇرخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى دوختۇرخانىلارغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇنداق ۋەھشىيلىككە دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

721746
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدە دوختۇرخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ئىشلار ماسلاشتۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياتتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى دوختۇرخانىلار ۋە باشقا شىپاخانىلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاممىغا خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرخانا ۋە شىپاخانىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ۋەيران قىلىنىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدۇ. مۇشۇ ئاي ئىچىدىلا 4 دوختۇرخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، جۈملىدىن 25 – ئاپرېل كۈنى ئىدلىبنىڭ كەفەر تەھارىم ناھىيەسىدىكى شېھىت ۋاسىم ھۈسەينى دوختۇرخانىسى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پۈتۈنلەي خاراب بولدى، 22 – ئاپرېل كۈنى ئىدلىبنىڭ ئابدىن رايونىدىكى يەر ئاستى دوختۇرخانىسى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 4 پۇقرا قازا قىلدى، يەنە شۇ رايوندا مۇشۇ ئاي ئىچىدە 4 شىپاخانا ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. دوختۇرخانىلار ۋە ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ بومبىلىنىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە يۈز مىڭلارچە كىشى سەھىيە خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم قالدى، بۇ ئىنسانلارنى ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇنداق ۋەھشىيلىككە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر