ب د ت: 500 مىڭ بالىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى بىلەن ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى يەمەندىكى خەتەر ئاستىدىكى بالىلار ۋەزىيىتى توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

720879
ب د ت: 500 مىڭ بالىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  بالىلار پاراۋانلىق فوندى بىلەن ب د ت  ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەندىكى تولۇقسىز ئۇزۇقلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپكە دۇچ كەلگەن يېرىم مىليون كىچىك بالىنىڭ دەرھال داۋالانمىغان تەقدىردە، ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا، يەمەندىكى 7 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ كېيىنكى بىر ۋاخ تامىقىنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە جىددىي ئاشلىق ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەمەننىڭ مەۋجۇت مەنبەلىرىنىڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا يەتمەيۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى 12 ئاي بويىچە ئاشلىق يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەن 9 مىليون ئادەمنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، دەرھال 1 مىليارد 200 مىليون دوللار پۇلغا موھتاج بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، يەمەندىكى توقۇنۇشلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش قېلىش پىلانى ئۈچۈن، 236 مىليون دوللار پۇل كېتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر