ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ۋېنېزۇئېلادا پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو رەھبەرلىدىكى ھۆكۈمەتكە  قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

719944
ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
venezuela gösteriler1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا تۆتىنچى ھەپتىگە قەدەم قويغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 23كە يەتتى.

جەمئىيەت ئامانلىق ئىشلىرى ئىدارىسى تەپتىش خادىمى تارەك سائاب مارىدا ۋە بارىناس شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەت قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نامايىشلار سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 23گە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

سائاب نامايىشلاردا يارىلانغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى بىلەن مارىدا ۋىلايەت ۋالىيسى ھېنرىك كاپرىلېس ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆلۈم ۋەقەلىرىدىن پارامىلىتەر گۇرۇھىنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو رەھبەرلىدىكى ھۆكۈمەتكە  قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن يۈزلەرچە كىشى، تۈنۈگۈن  پايتەخت كاراكاستا ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈپ غوللۇق يوللارنى قاتناشقا توسۇپ قويدى.

ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەر مادۇرونىڭ «بۇلتۇر دېكابىردا توختاپ قالغان دىئالوگ مۇساپىسىنى داۋملاشتۇرۇش»چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشماي ھۆكۈمەتنى بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

پارلامېنت باشلىقىنىڭ ۋەكىلى فىرېددىي گۇۋارا ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى بۆلۈۋېتىشكە، پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈشكە ۋە بۇ ۋاستىلار ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوت مەھكىمىسى 31-مارتتا   پارلامېنتنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن پارلامېتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى قارار قىلدى،  لېكىن بۇ قارارغا نارازىلىقلار بىلدۈرۈلۈشىگە قارىتا، ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قارارنى 1-ئاپرېلدا بىكار قىلىۋەتتى.

ئالىي سوت مەھكىمىسى شۇنداقلا 7-ئاپرېلدىمۇ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى ھېنرىك كاپرىلېسنىڭ 15 يىل پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشقا ھۆكۈم قىلدى.

ئۆكتىچىلەر ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ پارلامېنت ۋە كاپرىلېس توغرىسىدىكى ھۆكۈملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلانى دېكاتورلۇققا ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، تار كوچىغا ئىتتىرىپ قويغانلىقىنى ياقلاپ خەلقنى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغاندا، بەزى كىشىلەر ئۆكتىچىلەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ نامايىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر