ب د ت راققە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا

راققەگە يېقىن جايدىكى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شارائىتىنىڭ تولىمۇ ناچارلىقى، ھەر بەش مۇساپىردىن تۆتىنىڭ ئۈستى ئوچۇق بولغان چېدىرلاردا ياشايدىغانلىقى، نۇرغۇن بالىنىڭ داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

719688
ب د ت راققە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى راققە شەھىرىدىكى يەرلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئالدىنقى كۈنلەردە راققەدىكى توقۇنۇشلار ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، كۆپ قىسمىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ ھۇجۇملاردا دوختۇرخانىلار، مەكتەپلەر، بازارلار ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇشلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى راققەدىكى 400مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.»

تۈنۈگۈن تابقادىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 5ى بالا بولۇپ جەمئىي 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككى مەكتەپنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، 22-ئاپرېلدىمۇ ئالبارداخ يېزىسىغا يېقىن جايدىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىمۇ بايان قىلىندى.

باياناتتا راققەگە يېقىن جايدىكى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شارائىتىنىڭ تولىمۇ ناچارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، ھەر بەش مۇساپىردىن تۆتىنىڭ ئۈستى ئوچۇق بولغان چېدىرلاردا ياشايدىغانلىقى، نۇرغۇن بالىنىڭ داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى شەھەردىن تازىلاش ئۈچۈن رايونغا ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر