شىمالىي كورېيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق كۈچەيدى

شىمالىي كورېيە، ئاۋسترالىيەنى ئامېرىكىنىڭ ئارقىسىدىن قارىغۇلارچە مېڭىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە يادرو قورالى تەھدىتى سالدى.

718649
شىمالىي كورېيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق كۈچەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – KCNA غا بايانات بېرىپ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلىې بىشوپنىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى پىلانى ئاۋسترالىيە ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت» دېگەن سۆزلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل بىر ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن گۈزەل سۆزلەرنى ئاڭلاش ناھايىتى زور. بىراق، بىر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسىڭىز، قىلغان سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز ۋە مەسىلىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا سوغۇققانلىق بىلەن گەپ قىلىشىڭىز كېرەك.»

كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزكۇر ئەمەلدار، «ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنى يالغۇزلاشتۇرۇش ۋە بوغۇپ قويۇش سىياسىتىنى ياقلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بۇ شىمالىي كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچى بولغان يادرو قورال ھۇجۇملىرى دائىرىسىدىكى بىر ئۆلۈۋېلىش ھەرىكىتى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلىې بىشوپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرى ۋە يادرو ھۇجۇمى ئاھاگلاندۇرۇشلىرىغا جاۋاب قايتۇردى. ئۇ، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ پۇلىنى ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللار ئۈچۈن ئەمەس، خەلقنىڭ باياشاتلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىشۇپ، «شىمالىي كورېيە نۆۋەتتە قوشنىلىرىغا ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە. كونترول قىلىنمىسا، بۇ خەۋپنىڭ چېگراسى ئاۋسترالىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ رايونغا يېيىلىدۇ. شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى قىرغۇچى قوراللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئەمەس، ئۇزۇندىن بۇيان مۇشەققەت تارتىۋاتقان خەلقىنىڭ باياشاتلىقى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشى لازىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر