جاكارتادا خىتاي ۋالىي مەغلۇب بولدى

ھىندېنوزىيەدە مۇسۇلمان نامزات ئانېس باسۋېدان خىتاي رەقىبى پۇرنامانى يېڭىپ، پايتەخت جاكارتانىڭ ۋالىيلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى.

717109
جاكارتادا خىتاي ۋالىي مەغلۇب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت جاكارتانىڭ ۋالىيلىق سايلىمىنىڭ 2 – باسقۇچىدا سابىق مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى باسۋېدان %57.6 ئاۋازغا ئېرىشتى. جاكارتانىڭ مەۋجۇت خىتاي ۋالىيسى باسۇكى تىجاھاجا پۇرناما بولسا، %42.4 ئاۋازغا ئېرىشىپ مەغلۇب بولدى.   

مۇسۇلمان نامزات ئانېس باسۋېدان غالىبىيىتىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «بىزنى بۇ ۋەزىپىگە لايىق كۆرگەن جاكارتا خەلقىگە چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمەن. جاكارتا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرسى. بىزمۇ بۇ شەھەرنى ئەڭ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. يالغۇز شەھەرنىلا ئەمەس، شەھەردىكى بىرلىك ۋە باراۋرەلىكنىمۇ قوغدايمىز» دېدى.

باسۋېدان پايتەخت جاكارتانىڭ ئىستىقلال جامەسىدە سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن توپلاشقان مۇسۇلمان قوللىغۇچى گۇرۇپپىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.  قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، پايتەختتە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۈگۈننىڭ تارىخىي بىر خاتىرە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

جاكارتادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا تىنچلىق ئاساسىدا سىگناللارنى بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان باسۋېدان، شەھەرگە كۆڭۈل بولۇشنىڭ ھەممەيلەننىڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باسۋېدان ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆكتەبىر ئېيىدا تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. 

فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلاملاردا 3 نامزاتتىن ھېچ بىرى %50 تىن ئۈستۈن ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن سايلام ئىككىنچى باسقۇچقا قالغان ئىدى. ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن مۇسۇلمان نامزات ئانېس باسۋېدان بىلەن تېگى خىتاي، ئۆزى خىرىستىيان نامزات پۇرناما ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا چۈشۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى.

جاكارتانىڭ تۈنجى تېگى خىتاي خىرىستىيان ۋالىيسى پۇرناما ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 2014 – يىلى ۋالىيلىققا سايلانغان ۋە سىنتەبىر ئېيىدىكى نۇتىقىدا، ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت ئېچىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر