بىشوپ: شىمالىي كورېيە دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلىې بىشوپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى پىلانىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

715117
بىشوپ: شىمالىي كورېيە دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىشوپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە رايوندىكى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيە ئۆزگەرتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ھەربىي ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تاللاش يوللىرىنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇلغان تەقدىردە، ئاۋسترالىيەنى بومباردىمان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان بىشوپ، «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى پىلانى بىز ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت» دېدى.

رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىشوپ، «شىمالىي كورېيە رايون ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىقىغا سېلىۋاتقان تەھدىتنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتتى. سۈركىلىشلەرنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشى پۈتۈنلەي شىمالىي كورېيەنىڭ قۇترىتىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر