ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا بايانات بەردى.

714326
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈرك ئەمەلدارلارنى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندە ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئەڭ كەڭ قاتلامنىڭ يارىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېر، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى جوھاننېس ھان، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا قوشما يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى، بولۇپمۇ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات بىر دۆلەت ۋە ياۋروپا كېڭىشى ئەزاسى سۈپىتىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا باھالىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ يېقىن نەتىجىسى ۋە ئاساسىي قانۇن ئۆزگىرىشىنىڭ كەڭ دائىرىلىك نەتىجىلىرىگە قارىغان ھالدا، تۈرك ئەمەلدارلارنى (ئاساسىي قانۇن ئۆزگىرىشىنى) ئەمەلىيشتۈرگەندە ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئەڭ كەڭ قاتلامنىڭ يارىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېيىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بايانات بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر