ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سومالىغا ئەسكەر يوللايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، رايوننىڭ ئەڭ ھالقىلىق دۆلىتى بولغان سومالىغا ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

714338
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سومالىغا ئەسكەر يوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون، سومالىغا ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلەرنىڭ 101 – ھاۋا ئارمىيە باتالىيونىدىن تاللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى دائىرىسى ئېلان قىلىنمىغان ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سومالىغا ئەۋەتىلىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يەنە مۇددىئاسىنىڭ سومالى ئارمىيەسىنى تەربىيەلەش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىكى ئافرىقا مۈڭگۈزىگە سان جەھەتتە ئەڭ كۆپ ھەربىي قىسىم يوللىشى ھېسابلىنىدىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر