ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىرانغا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

710999
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىراندا كۆرۈلگەن «كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرى» سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ مۇددىتىنى 2018 – يىلى 13 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگو تىزىملىكىدە مال – مۈلكى توڭلىتىلغان ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغان بىر شىركەت بىلەن 82 كىشىنىڭ بارلىقى، يەنە ئىراندا بېسىم ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەر خىل ئاپپارات ۋە تىڭشاش تېخىنولوگىيەلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر ئېمبارگولار دەسلەپ قېتىم 2011 – يىلى ئىراندا نامايىشچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بېسىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يادرو پىلانى سەۋەبلىك ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ساھەسىدىكى ئېمبارگولىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر