ئەھمەدى نېجادنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇشى خامەنېيغا دۇئېل ئېلان قىلىش ھېسابلىنامدۇ؟

ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نېجاد 19 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايتىدىن نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

711018
ئەھمەدى نېجادنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇشى خامەنېيغا دۇئېل ئېلان قىلىش ھېسابلىنامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلىي خامەنېي بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەھمەدى نېجادنىڭ نامزات بولماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، ئەھمەدى نېجادنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە خامەنېيگە دۇئېل ئېلان قىلىش، دەپ باھا بېرىلدى.

ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، نامزات بولىدىغانلارنىڭ جۈمە كۈنى كەچكىچە نامزات بولىدىغانلىقلىرىنى مەلۇم قىلىدۇ، ئارقىدىن ئىران پارلامېنتىنىڭ نامزاتلارنىڭ ئىسلامىي ۋە سىياسىي سالاھىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مۇساپىسى باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر