فىرانسىيەدە ئۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىرانسىيەدە ئوڭچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى.

707614
فىرانسىيەدە ئۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسيەدە پىرېزىدېنت نامزاتى فرانسۇا فىيون كىشىلەرنىڭ ئۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرمۇ ئاپئاق بولۇپ كەتتى. ۋەقە، فىيون سترازبۇرگدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا مۇنبەرگە چىقىۋاتقاندا يۈز بەردى.

بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئىككى ھۇجۇمچىنى قولغا ئالدى. فىيون ۋەقەنى فىرانسىيەدە يەرلىك ماللارنى ئىستېمال قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئۇلار چاچقان ئۇنلارنىڭ فىرانسىيە مېلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ چاقچاق بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر