«ھەمىشە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ياۋروپالىقلار قەيەردە؟»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ  سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە سۈكۈت قىلىشىنى تەنقىد قىلىپ، «ھەمىشە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ياۋروپالىقلار قەيەردە؟» دېدى.

707303
«ھەمىشە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ياۋروپالىقلار قەيەردە؟»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانلىن، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبتە خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ھەقتە جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە <توختاپ تۇر> دېيىش لازىم. سۈرىيەدە ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بىزگە ھەمىشە كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانىيەت ۋە ياشاش ھوقۇقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ھېچ سادا چىقمايۋاتىدۇ، ئۇلار زادى قەيەردە؟ بىر – ئىككى باياناتنىڭ سىرتىدا بىر نەرسە يوق. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ياۋروپالىقلارنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە سىناقتىن ئۆتۈلمىگەنلىكىنى پۈتكۈل جاھان كۆردى، نۆۋەتتە ئۇلار ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكلىرىنى ئۆزلىرىمۇ ئىقرار قىلىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر