ياۋروپا: خىمىيەلىك ھۇجۇمدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغانلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقى بار

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دونالد تۇسك ئىدلىب شەھىرىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

706594
ياۋروپا: خىمىيەلىك ھۇجۇمدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغانلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد تۇسك گىرېتسىيەدىكى زىيارىتىدە، باش مىنىستىر ئالېكسىس چىپراس بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىككى رەھبەر ئارقىدىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دونالد تۇسك ئىدلىب شەھىرىدە نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان خىمىيەلىك ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«كىشىلەرنىڭ كىچىك بالا ۋە ئەر-ئايال دېمەستىن خىمىيەلىك قورال بىلەن قىرغىن قىلىنىشى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بۇ ئۇرۇشنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئەسلىتىدىغان خاتىرىسى بولۇپ قالدى. سۈرىيە بۇنداق ۋەھشىي ھۇجۇمغا تۇنجى قېتىم دۇچ كەلمىدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرى جازاغا تارتىلىشى كېرەك. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ زالىملىقنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغانلارنىڭمۇ ئەخلاقىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن جاۋابكارلىقى بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر