مۇسۇلدا ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدىن يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مۇسۇلدا ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىقتى.

703989
مۇسۇلدا ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدىن يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى كونا مۇسۇلدا توقۇنۇش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدىن 16 كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىقتى.

كونا مۇسۇلنىڭ راسۇ جەددە رايونىدا ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدىن چىقىرىلغانلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاسىدىكى رايونلاردىن قاچقان كىشىلەر ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، مۇسۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان نۆۋەتتە دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى باب لەكەش رايونىدىن قاچقان 2 كىشى تېررورچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن.

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بارغانچە يېقىنلىشۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تېرروچىلار، تەشكىلاتقا تەۋە ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قولغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، شىفا مەھەللىسىدىكى قان ئىسكىلاتىغا ئوت قويۇپ بەردى.

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 2014-يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مۇسۇلنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن 2016-يىلى 17-ئۆكتەبىردە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.

مۇسۇلنىڭ غەربىنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار 19-فېۋرالدا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە ھازىرغىچە نۇرغۇن مەھەللىدىن سىرت مۇسۇل ئايرودۇرۇمى، ئەل-گىزلانى ھەربىي بازىسى ۋە دىجلە دەرياسى ئۈستىدىكى بەش كۆۋرۈكتىن ئىككىسى قايتۇرۇپ ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر