خىتايدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى.

704025
خىتايدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

شەنشى ئۆلكىسىدە بىر ئۆيدە پارتلاش يۈز بېرىپ 9 كىشى ئۆلدى، پارتلاشقا ئۆيدىكى قانۇنسىز پارتلاتقۇچىلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پارتلاش مەيدانغا كەلگەن بىنانىڭ ئاستىدىن بىر كىشىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى، بىراق 9 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆيدىكى قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ماددىلار سەۋەب بولغانلىقى تەخمىن قىلىنغان پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر