ئامېرىكا بەششار ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنى خالىمايدۇ

نىككى ھالېي دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوباما مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش سۈرىيەدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا ئەسەدنى ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

703751
ئامېرىكا بەششار ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنى خالىمايدۇ
sean_spicer.jpg

تۈكىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يېڭى سۈرىيە سىياسىتىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىككى ھالېي يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلارنى پەرقلىق شەكىلدە بەلگىلەپ چىققانلىقىنى ۋە بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلىشىغا مەركەزلەشمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

نىككى ھالېي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قىلغان سۆزىدە، بەششار ئەسەدنىڭ  ئەسلىدە تىنچلىققا نىسبەتەن توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، بىراق دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوباما مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش سۈرىيەدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا ئەسەدنى ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسونمۇ تۈركىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا «ئەسەدنىڭ تەقدىرىنى سۈرىيە خەلقى ئۆزى بەلگىلىشى لازىم» دېگەن ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى سېن سىپىجېرمۇ بەششار ئەسەدنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ھەقىقدە ئېنىق مەيدان بىلدۈرۈش جەھەتتىن ئالدىنقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قول - ئىلكىدە بولغان پۇرسەت ۋە تاللاشلارنىڭ ئەمدىكى يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قول - ئىلكىدە يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر